- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيەدىكى زىيارىتى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ
2014.10.08 15:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گېرمانىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى شى مىڭدې زۇڭلى لى كېچياڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ستراتېگىيە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تولۇق بەرپا قىلىدۇ. شى مىڭدې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنىڭ قارالمىسى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىنى قاپلايدۇ، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى، يېڭى ساھەلىرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئىجادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر