- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورېيە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە ئاياللارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش نىسبىتى يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ تۇغۇت نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئايان بولدى
2014.09.10 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، كورېيە ئەمگەك تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئىقساد-ھەمكارلىق بويىچە ئېچىش تەشكىلاتى (OECD)غا ئەزا مۇھىم دۆلەتلەردىكى ئاياللارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش نىسبىتى بىلەن تۇغۇت نىسبىتىنى ئانالىز قىلىپ، كورېيەنىڭ ئاياللارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش نىسبىتى ۋە تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەن قاتاردىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بايقىلىشىچە، كورېيەنىڭ ئەھۋالى ئىسپانىيە، ئىتالىيە بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن. كورېيەنىڭ ئۇنىۋېرسال تۇغۇت نىسبىتى OECD دىكى 27 دۆلەت ئىچىدە ئارقىدا تۇرىدىكەن. ئىسپانىيەنىڭ تۇغۇش نىسبىتى %61.3، ئىتالىيەنىڭ %59.1 بولۇپ، كورېيەبىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. لېكىن تۇغۇت نىسبىتى يۇقىرى بولغان نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، دانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئاياللارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش نىسبىتى كورېيەنىڭكىدىن %20-10 يۇقىرى ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر