- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ
2014.09.10 13:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 29-، 30-سىنتەبىر ئامېرىكىدا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ مودىنىڭ ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ بۇ يىل 5-ئايدا سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن بۇيان ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2005-يىلى گۇجارات شىتاتىنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى مودى ھىندى دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسىنى يېتەرلىك توسىمىدى، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكتىن، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى مودى ھىندىستاننىڭ يېڭى زۇڭلى نامزاتى بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاندىن ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىغا قويغان چەكلىمىنى بىكار قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر