- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياۋروپا كېڭىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە قارىتىلغان يېڭى جازا لاھىيەسىنى ماقۇللىدى
2014.09.09 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رونپوي 8-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى جازا لاھىيەسىنى ماقۇللىدى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى جازا لاھىيەسىدە رۇسىيەگە قارىتىلغان بۇرۇنقى جازا تەدبىرلىرى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ «ئوكرائىنا شەرقىي رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى»نى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
باياناتتا رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى جازا لاھىيەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئېلان قىلىنمىدى. لېكىن ۋان رونپېي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسنىڭ 5-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى جازا لايىھەسى كاپىتال بازىرى، مۇداپىئە، ئارمىيە بىلەن خەلق ئورتاق ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار ۋە سەزگۈر تېخنىكىلارغا چېتىلىدىكەن، يەنە ئوكرائىنانىڭ دونباس رايونى(دۇنىچىك ۋە لۇگانسىك)، قىرىم ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر