- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بايۇ: چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئىش تەرتىپىگە كىرگۈزىمىز
2014.09.09 10:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تايلاند باش مىنىستىرى بايۇ 6-سىنتەبىر تايلاندنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى يىغىنىدا چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چىرىكلىكنى تۈگىتىش يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەت قارالمىسى، شۇنداقلا دۆلەت ئىسلاھاتىنىڭ ئاچقۇچى.
بايۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىيانەتچىلىك تايلاندا ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كېسەللىك، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئابرويىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. شۇڭا، خىيانەتچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتغا تۈرتكە بولۇشىدا ئالدىن ھەل قىلىدىغان مەسىلىلىرىنى بىرى بولماقتا.
ئۇ مۇنداق دېدى: كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان خىيانەتچىلىك مەسىلىسى سىياسىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقنى پارچىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى يوقاتتى، شۇنداقلا تايلاندنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىغا داغ يەتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر