- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مېكسىكىلىق 127 ياشلىق موماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رېكوردىنى بۇزدى
2014.09.04 16:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 31-ئاۋغۇست سانىدىكى خەۋرىدە، مېكسىكىنىڭ زاپوپان شەھىرىدىكى Leandra Becerra Lumbreras ئىسىملىك موماي 1887-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇغۇلغان، بۈگۈنگە قەدەر ئۇ 127 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. موماينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سىر ياخشى يېيىش، قانغىچە ئۇخلاش ئىكەن. ئۇنىڭ 5 بالىسى، 20 نەۋرىسى، 73 ئەۋرىسى، 55 چەۋرىسى باركەن، لېكىن بىرقانچە بالىسى ۋە نەۋرىسى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر