- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە 7 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى
2014.09.04 15:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە 7 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ دەرھال سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ھەرىكەت تەكلىپلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
پۇتىن مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي قىسىمدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى 5-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر