- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولدى
2014.09.04 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-سېنتەبىر موڭغۇلىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى. پۇتىن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە رۇسىيە-موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ خالخا دەرياسى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا، ئەلبېگ دورجى بىلەن پۇتىن رەسمىي سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
جۇڭگو مىلەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر