- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ش ئا ئە ت سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بىر-بىرگە يول قويمىدى
2014.09.02 10:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا 28-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى يىغىندا يەنە جىددى تۇتۇشۇپ قالدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى 28-ئاۋغۇست رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇر قىلىپ كىردى، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇكرائىنادىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلار دونىستىك ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىنياسۇسىك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا بازارلارنى ئىگىلىدى، دېدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۈ كۈنى جىددى يىغىن ئاچتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-ئاۋغۇست رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى «كىرزىس»تە مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ، دەپ تەھدىد سالدى.
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 28-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا ئۇكرائىنا كىرزىسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى تېزدىن ئۇرۇش توختۇتۇپ، سىياسىي ۋاستە ئارقىلىق كىرزىسنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 28-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددى يىغىن ئاچتى. ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلار رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا بىۋاستە تاجاۋۇز قىلدى، دەپ كۈچلۈك ئەيىبلىدى، رۇسىيە ۋەكىلى بۇنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سامانسا پوۋىل: «نىقاب ئېلىپ تاشلاندى»، رۇسىيە ئۇكرائىنادا بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى قەستەن قوللىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆرەش قىلماقتا، رۇسىيە يالغانچىلىقنى توختۇتۇشى كېرەك،دېدى. پوۋىلنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ چېگرا رايونىدا رۇسىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ سانى بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپكەن ھەمدە زور مىقداردىكى كۆرەشچى ئايروپىلان ۋە تىڭ ئۇچارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئەنگىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مارىك لار: مۇنتىزىم رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قۇراللىق توقۇنۇشقا «بىۋاستە» ئارىلاشتى، دېدى.
رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چوركىن ئۇكرائىنا تەۋەسىدە رۇسىيەلىك خادىملارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كىشىلەر «پىدايى»، «ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىناغا بېرىپ، ئەلئاراسىدىكى قۇراللىق كۈچلەرگە ياردەم بەردى، دېدى. پوۋىل قايتۇرما زەربە بېرىپ: «يازلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇكرائىناغا بېرىپ ئۇرۇش قىلىشنى تاللىغان رۇسىيەلىك ئەسكەرلەر يەنىلا رۇسىيە ئەسكىرى»،دېدى. چوركىن ئۇكرائىنا تەۋەسىدە نېمىشكە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ بارلىقى شۇنداقلا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدىكى قۇراللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چوركىن شۈ كۈنى رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا: «ئۇكرائىنا تەۋەسىدە ھازىر رۇسيەنىڭ پاراشۇتچى قىسمىنىڭ توققۇز ئەسكىرى بار، ئۇلار خاتا كېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇكرائىنادا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،دېدى
ئوباما 28-ئاۋغۇست ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنا كىرزىسىنى مۇزاكىرە قىلدىم. رۇسىيە داۋاملىق ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلسا، تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 28-ئاۋغۇست شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا رۇسىيە ئۇرۇش قىلىش قىسمىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىغا كىرىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: بۇ سۈرەتلەر 8-ئاينىڭ ئاخىرى تارتىلغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇنىڭغا ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزمىدى، ئۇنىڭدا رۇسىيەنىڭ توپچى ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ يېزا كەنتلىرىگە كىرگەنلىكى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ كىلاسنودىن ئەتراپىدا زەمبىرەك بازىسى قۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شىتابى كىرزىس ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، گنېنرال برىگادا نىكود مۇنداق دېدى: بۇ سۈرەتلەر شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېقىندا ئىگىلىگەن ئەھۋالىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئېلان قىلىنغان بۇ سۈرەتلەر يېڭى ئىسپات، ئىلغار تىپتىكى ئېغىر قۇراللار سەپلەنگەن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسمىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ رۇسىيە قىسمى ۋە ئېغىر تىپتىكى قۇراللارنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىگەنلىكىنىڭ بىر قىسمىلا خالاس. بىز يەنە زور مىقداردىكى ئىلغار قۇراللار جۈملىدىن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، زەمبىرەك، تانكا، ئوق-دورا تىرانسىپورت ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا يەتكۈزۈلۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايقىدۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر