باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن شەرقىي ئۇكرائىنانىڭ دۆلەتلىك ئورنى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى مۇراجەت قىلدى

2014.09.01 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 31-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنانىڭ دۆلەتلىك ئورنى مەسىلىسى توغرىسىدا شەرق قىسىمدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  خەلقئارا ئاخبارات تارقىتىش ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى رۇسىيە 1- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: شەرقىي ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاسىتە، ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا سىياسىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ۋە دۆلەتلىك ئورنى مەسىلىسىنى ئويلىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشايدىغان خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش، شۇنداقلا ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر