- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قوراللىق ئۇنسۇرلار ب د ت نىڭ 43 نەپەر تىنچلىقنى قوغداش خادىمىنى تۇتۇۋالدى
2014.09.01 09:26 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
28-ئاۋغۇست ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ب د ت نىڭ 43 نەپەر تىنچلىقنى قوغداش خادىمىنى شۇ كۈنى ئەتىگەندە گولان ئېگىزلىكىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار تۇتۇۋالغان.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى باياناتچىسى ئىشخانىسىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان بىر پارچە ئاخبارات ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن : سۇرىيە قوراللىق قىسمى بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلار 27- ئاغۇستتىن باشلاپ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئېتىشقان ، بۇ مەزگىلدە ب د ت نىڭ 43 نەپەر تىنچلىقنى قوغداش خادىمى 28-ئاۋغۇست سەھەردە سۇرىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى رايوندا قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. بۇ 43 نەپەر خادىمنىڭ ھەممىسى فىجىلىق بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 81 نەپەر فىلىپپىنلىق خادىمنىڭ ھەرىكىتىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر