- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


غەززەلىكلەر «شېغىل بەسلىشىشى» ئويناپ پۈتۈن دۇنيانى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلدى
2014.08.27 15:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە«كۈندىىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇز سۈيى ئويۇنى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن، ئادەملەردە بۇخىل يېڭى تۈردىكى ساخاۋەت پائالىيىتىگە چۈشىنىش پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇش ئوتىدا خالىغانچە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان غەززەلىكلەر بۇ رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتكە دۇنيا خەلقىنىڭ ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «مۇز سۈيى بەسلىشىشى» ئويۇنىنى ئوينىدى.
ئىگىلىنىشىچە، غەززەدە سۇ كەمچىل سەۋەبلىك بۇ ئۇيۇن ئامال يوق «شېغىل بەسلىشىشى»دەك باشقا بىرخىل ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تارقالغان سۈرەتتە غەززەلىك يىگىت بىر چىلەك شېغىلنى بېشىدىن «قۇيغان».
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان يىگىت ئايمان ئەل-ئولۇل«مەن بۇخىل ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىگە غەززەدە زادى نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەننى بىلدۈرمەكچى» دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر