- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئاشكارە رەت قىلدى
2014.08.14 09:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ تۈنۈگۈن كەچتە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئاشكارە رەت قىلدى ھەمدە ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇندىكى تەلەپ بويىچە، 5 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى توشقۇزىدۇ، دېدى. شېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى تۈرلەرنى باشلىدى، دۆلەت ئىقتىسادىي ئاشتى، چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. رۇپىيەنىڭ پېرىۋوت نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، ئېكىسپورت ئۈزلۈكسىز ئاشتى. پاكىستان ھازىر تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا.
پاكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى ئىمرانخان مۇسۇلانمانلار ئىتتىپاقى شېرىپ گۇروھىنى بۇلتۇرقى چوڭ سايلامدا سايلامنى كونترول قىلىۋالدى، دەپ ئەيىپلەپ، شېرىپنىڭ دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر