باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيىسى رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانىدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىردى

2014.08.04 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 2- كۈنى، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر تەكشۈرگۈچى ئايروپىلانىنىڭ پېيىگە چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرگۈچى ئايروپىلانى ئۆزلۈگىدىن شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ قالدى.


  ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ RC-135 بەلگىلىك ئايروپىلانى شۇ چاغدا رۇسىيە ھەربىي تەرەپنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانكەن، رۇسىيە ئاز دېگەندە بىر ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئۇنى توسىغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى شىۋېتسىيەنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان ئەھۋالدا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىۋالغان.


  ئارقىدىن، ئامېرىكا شىۋېتسىيە ئەمەلدارلىرىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردى ھەمدە كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەستىقنى ئالماي تۇرۇپ شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ قالىدىغان ۋەقە يەنە يۈز بېرىشى مۈمكىن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر