- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن: مېنىڭ ئۇكرائىنانى يۇتىۋېلىش ئويۇم يوق
2014.06.06 08:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا فىرانسىيەدىكى ياۋرۇپا 1-رادىيو ئىستانسىسى ۋە فىرانسىيە تېلېۋىزىيە 1-قانىلى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى يۇتۇۋېلىش ياكى ئۇنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئويى يوق، رۇسىيە ئەزەلدىن ئۇنداق قىلىپ باقمىغان، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.
ياۋرۇپا 1-رادىيو ئىستانسىسى 4-چېسلا مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ئۈزۈندىسىنى ئاڭلاتتى. پۇتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچى بولۇپ قالماسلىقى»نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن مۇنىلارنى تەكىتلىدى: ئۇكرائىنا دائىرىلىرى پۇقرالىرى بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك، سۆزلىشىش تانكا-ئايروپىلان بىلەن ئەمەس، سۆھبەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرى ياكى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر