- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان ئارمىيەسى قوراللىق تېررورچى ئۇنسۇردىن 38 نى ئېتىپ ئۆلتۈردى
2014.02.26 11:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئارمىيەمىز شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كېبورتقا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاپ، قۇراللىق تېررورلۇق ئۇنسۇردىن 38 كىشىنى يوقاتتى. پاكىستاندىكى تالىباننىڭ شۆبىسى پاكىستاندىكى تالىبان ئەزالىرىنىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 16-فېۋرال موخماند ئالاھىدە رايونىدا پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ 23 خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردۇق، دېدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى 17-فېۋرال ئەسلىدە شۇ كۈنى پاكىستاندىكى تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆزلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. پاكىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەت كومىتېتى يېقىندا مۇنداق دېدى: پاكىستاندىكى تالىبان شۆبىسىنىڭ خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ 23 ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى، پاكىستاندىكى تالىبان تىنچلىق ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ ھۇجۇمنى توختاتمىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبەت كومىتېتى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر