- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىنوۋدىن ئەنگلىيە گىلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى مۇدىرلىقىغا سايلاندى
2014.02.19 16:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بەرگەن خەۋىرى:BBCنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق تېخنىكا ھۆددىگەرى سىنوۋدىن 18-چېسلا ئەنگلىيە گىلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى مۇدىرلىقىغا سايلاندى. ئوقۇغۇچى مۇدىر گىلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالاھىدە خىزمەت ئورنى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بېلەت تاشلاپ سايلايدۇ. ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچى مۇدىر ئەنگلىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق داھىيسى چارلىس كېننىدى ئىدى.
سىنوۋدىن شوتلاندىيە ۋېلىسپىت ماھىرى گېرائىم ئوبرى، شوتلاندىيە يازغۇچىسى ئاللېن بىسايت ۋە شوتلاندىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باستىرى كەيۋېن خولدسۋورسلارنى مەغلۇپ قىلىپ سايلامدا غەلىبە قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر