- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دەمەشىق يېزا ئۆلكىسىدىكى بىر ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بازارنى ئىگىلىدى
2014.02.14 09:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۈرىيە ئارمىيەسى 12- فېۋرال دەمەشىق يېزا ئۆلكىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بازار بولغان جۇلاجىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپدىكى رايونلارنى پۈتۈنلەي ئىگىلىدى. جۇلاجىر بازىرى پايتەخت دەمەشىقنىڭ غەربىي شىمالىدا بولۇپ، سۈرىيە لىۋان چېگراسىغا 70 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ. بۇندىن ئىلگىرى، بىر قىسىم چەتئەل قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بۇ يەر ئارقىلىق دەمەشىقنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا كىرىپ ئۇرۇش قىلغان.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۇچلەر ۋە قوللاش فرونتى بىلەن باشقا ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا مەنسۇپ بولغان قوراللىق ئۇنسۇرلار دەمەشىق، دەمەشىق يېزا ئۆلكىسى، ھەمدە شىمالدىكى ھەلەپ، ئىدرىف، راتاجى ئۆلكىسى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى خاما ئۆلكىسى، جەنۇبىي قىسىمدىكى دىرا ئۆلكىسى، شەرقىي قىسىمدىكى دەرزۇر ئۆلكىسى، ئوتتۇرا شىمالىي قىسىمدىكى رائا ئۆلكىسى، شەرقى شىمالىي قىسمىدىكى ھەسەي ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق شىددەتلىك ئۇرۇش قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر