- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستاندىكى تالىبانلار سۆزلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى
2014.02.07 16:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستاندىكى تالىبانلار تۈنۈگۈن ئىسلامئابادتا دەسلەپكى قەدەمدە سۆزلىشىپ، بارلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىش، تىنچلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ 29-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 4 ئەزادىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت سۆھبەت كومىتېتى پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. پاكىستان تالىبانلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە 5 دىنى ۋە سىياسىي داھىدىن تەشكىللەنگەن كومىتېت تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر