- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران جەنۋە يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى
2014.01.21 14:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىخ تۈنۈگۈن، ئىران ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسدىكى جەنۋە يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، كېلىشىمدىكى تەلەپلەر بويىچە قويۇقلۇقى %20 بولغان ئۇراننى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختاتتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى ناتانز يادرو ئىستانسىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. دېدى.
سالىخ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدى، لېكىن كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ. كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا قاراپ ئىلگىرىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر