باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» فىلىپپىننى ئېغىر بالايىئاپەتكە دۇچار قىلدى

2014.01.21 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30 – نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» 8 – نويابىر فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 9 – نويابىر فىلىپپىندىن ئايرىلغان. 10 – نويابىردىن باشلاپ ۋېيىتنامنىڭ جەنۇبىي شىمالىغا تەسىر كۆرسەتكەن، كۈچى سەل ئاجىزلىغان.

  ئامېرىكا تەيفېڭ بورىنىدىن سىگنال بېرىش مەركىزىنىڭ ھېسابلىشىچە، تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» فىلىپپىندا قۇرۇقلۇققا چىققاندا ئەڭ تېز سائەتلىك شامال سۈرئىتى 379 كىلومېتىرغا يەتكەن. بۇ بەلكىم تەيفېڭ بورىنى خاتىرىلەنگەندىن بېرى ئىنسانىيەت يولۇققان ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق بوران بولۇشى مۇمكىن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» نىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغاچقا، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ، فىلىپپىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئانچە ئېگىز بولمىغان ئاراللىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

  11 – نويابىر تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» جۇڭگو – ۋېيىتنام چېگراسى ئەتراپىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى، ئاندىن يەنە شەرققە سۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خەينەن قاتارلىق جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەيفېڭ بورىنى توغرىسىدا قىزىل رەڭلىك سىگنال ئېلان قىلدى. فىلىپپىن دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتىنىڭ 10 – نويابىر ئېلان قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتىگىچە، تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» فىلىپپىندا 229 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 45 ئادەم يارىلىنىپ، 28 ئادەمنىڭ ئىزـ دېرىكى بولمىغان. فىلىپپىننىڭ 41 ئۆلكىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار 9 مىليوندىن ئاشقان، 74 مىڭ ئائىلە تارقاقلاشتۇرۇلغان.

  بۇ كومىتېت مۇنداق دېدى: ئالاقە راۋان بولمىغانلىقتىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» نىڭ فىلىپپىندا قانچە ئادەمنىڭ بېشىغا چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەر خىل ئىكەن. فىلىپپىن دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئېنىق سانىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىكەن. لەيت ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئېلمېر مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» فىلىپپىندا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان بولۇشى مۇمكىن. فىلىپپىن دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتىنىڭ 10 – نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، فىلىپپىندا 20 مىڭ ئېغىزغا يېقىن ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئاچرىغان، تەيفېڭ بورىنى «بورانقۇش» نىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە يېزا ئىگىلىككە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى 139 مىليون پېسو ( تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) غا يەتكەن.

  فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى ئارمېندىراس مۇنداق دېدى: تاكلوبان شەھىرىگە بارىدىغان يوللار ئېچىلدى. ئاپەت رايونىغا ھاۋا يولى ئارقىلىق ماددىي بۇيۇم ئەۋەتىش ھاجەتسىز. بۇ يەرنىڭ تەرتىپىمۇ ئەسلىگە كەلدى، لېكىن، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار يېمەكلىك ۋە چېدىرغا يەنىلا جىددىي موھتاج.

  تاكلوبان شەھىرىدە ماددىي بۇيۇملار بۇلانغاچقا، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكونو 10– نويابىر يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ۋەزىيەتنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ يەردە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر