- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇرىيەدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەررۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ ئىسپات بايقالدى
2014.01.21 14:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
نۇرغۇن تەرەپ ئىلگىرى بەشىر ئاسادنى خەلقئارا سوتقا شىكايەت قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، بىراق ، سۇرىيە خەلقئارا سوتقا ئەزا دۆلەت بولمىغانلىقتىن ، ئاسادنى شىكايەت قىلىش كۆپۈككە ئايلانغان.
دوكلاتتىكى بىر پارچە سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ گېلى بوغۇلغان بىر گۇرۇپپا ھۆججەتلەر سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۇرىيە خەلقىنى ‹‹سىستېمىلىق ھالدا ئۆلتۈرگەنلىكىنى ›› كۆرسىتىپ بەردى . بۇلار ئاشكارىلانسا ، بەلكىم ھاكىمىيەت ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلىنىشى مۇمكىن .
ئەنگىلىيە ‹‹ مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى ›› بىلەن ئامېرىكا CNN بىرلا ۋاقىتتا خەۋەر ئېلان قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ نەپەر خەلقئارالىق داڭلىق ئادۋوكاتنىڭ قولىدىن بىر دوكلاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ، دوكلاتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر گۇرۇپپا ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات بارلىقىنى ئېيتقان . بۇ ھۆججەتلەر سۈرەت ۋە يازما ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، 2011-يىلى مارتتىن بۇلتۇر ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە سۇرىيە قانۇن ئىجراچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان 110 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى خاتىرىلەنگەن ئىكەن .
سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش يىگىتلەر بولۇپ ، ئۆلەر ۋاقتىدا ئورۇقلاپ بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ، جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە قان ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان ئىزلار بولسا ، بەزىلىرى بىر جۈپ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان ، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ، ياكى توك بىلەن قىيناش جازاسىغا ئۇچرىغان .
گەرچە ب د ت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بەشىر ئاساد ھۆكۈمىتى بىلەن توپىلاڭچى ئارمىيەدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى رەھىمسىز قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق، مۇتەخەسسىسلەر بۇ گۇرۇپپا ھۆججەتلەرنىڭ سۇرىيەدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەررۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ ئىسپات ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغىنىغا 34 ئاي بولدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر