- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسى قۇرۇلتاي ئاچتى
2014.01.21 09:06 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ھەرىكەت فاڭجېنىغا ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى ‹‹داۋاملىق›› تاۋاپ قىلىش ئېنىق يېزىلدى.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى : 19-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە − ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسى 81-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئاچتى . ياپونىيە باش ۋەزىرى ، ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئابې شىنزو ، بىرلەشمە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە − ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ناتسو ياماگۇچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .
كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسى 19-يانۋار توكيو خەزىنە مەھكىمىسى مېھمانسارىيىدا 81-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئاچقان .بۇ پارتىيەنىڭ ھەرىكەت فاڭجېنىغا ئابې شىنزو تەرغىپ قىلغان ‹‹ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك ›› نى قوللايدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان ، يەنە دەرسلىك تۈزۈش جەھەتتە ‹‹ئۆز تارىخىغا ھاقارەت قىلىش قارىشى ›› غا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار بىلدۈرۈلگەن ، دەسلەپكى لايىھەدە يەنە ئۆتكەن يىللاردىكى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ ، ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى ‹‹داۋاملىق›› تاۋاپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر