باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيەلىكلەر سىياسىي سەتچىلىككە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ(1)

2014.01.20 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، فىرانسىيەنىڭ بىر تاراتقۇسىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن بىر ئايال ئارتىسنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەر ئاشكارىلاندى، بۇ تاشقى ساھەنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا بولغان خىلمۇ خىل مۆلچەرىنى قوزغىدى. يېقىندا، ھوللاندى پىرېزدېنت مەھكىمىسىدە قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ يېڭى بىر يىلدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى. يىغىندا ھوللاندى بارلىق فرانسىيەلىكلەرگە بۇ قېتىمقى سەتچىلىك ۋەقەسى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدا سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى. ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، فىرانسىيەلىكلەر دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىل خەۋەرلىرىگە خېلى كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ئاۋامنىڭ ئۇلارنى قوللاش نىسبىتىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس.

  14-يانۋار فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى ئېلسىي سارىيىدا ۋەزىپىگە چىققاندىن بۇيانقى 3- قېتىملىق مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 40 مىنۇتلۇق نۇتۇقىدا ھوللاندى بىر يۈرۈش ئىچكى ئىشلار دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى. كەينىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر يېرىم سائەتلىك سوئال سوراش كۈن تەرتىپىدە ھوللاندىدىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بەش قېتىم فىرانسىيەلىك ئايال ئارتىس جۇلى گايې بىلەن كېچىدە ئۇچراشقانلىقى، ھازىرقى قىز دوستى ۋالەيلى تېلىيېۋېيلەي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سوئال سورالدى. ھوللاندى ئالدى بىلەن قىز دوستى بىلەن نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى، ھازىر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە مۇھەببەت تۇرمۇشى مەسىلىسىدە ھاسىل بولغان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشكە ۋەدە بەردى.

  10-يانۋار، «كلوسېرى» ناملىق فىرانسىيەنىڭ بىر ژۇرنىلىدا پىرېزدېنت ھوللاندىنىڭ يېرىم كېچىدە موتسىكلىت ھەيدەپ فىرانسىيەلىك ئايال ئارتىس جۇلى گايې بىلەن كۆرۈشكەنلىك خەۋىرى ئاشكارىلاندى، بۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 14-يانۋاردىكى تاراتقۇلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ۋالەيلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە «قىز دوستىنىڭ» سالاھىيىتى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا ھوللاندى مۇجىمەل جاۋاب بېرىپ، ۋالەيلى ھازىر «يەنىلا دەم ئېلىۋاتىدۇ» دەپ ئارتۇق بىرنېمە دېمىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر