باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا پارلامېنتى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى

2014.01.20 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيەنىڭ سىتىراسبۇرگتا ئاخىرلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2014-يىللىق تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى كاربون تۆت ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىش، سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قاتار قارارلارنى ماقۇللىدى.

  بولۇپمۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يەنى ئات گۆشىنى كالا گۆشى دەپ سېتىش، سانائەتتە تۇزنى يېمەكلىك تۇز ئورنىدا سېتىش، ھايۋاناتلار يەم خەشەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بۇلغانغان ماينى ئىشلىتىش ھەمدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بەلگىسىنى چاپلىغاندا قەستەن خاتا چاپلاش قاتارلىقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر