- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دەسلەپكى نەتىجىلەردىن ئايان بولۇشىچە مىسىر يېڭى ئاساسى قانۇنىنى قوللاش نىسبىتى %90 دىن ئېشىپ كەتكەن
2014.01.17 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقى ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: دەسلەپكى ئىستاتېستىكا نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، يېڭى ئاساس قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەر %90 دىن ئېشىپ كەتكەن.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان مسىىر يېڭى ئاساسى قانۇن لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش شۇ جاينىڭ ۋاقتى 15-يانۋار كەچ سائەت 9:00 دا ئاخىرلاشقان، نۆۋەتتە، ئاۋاز ھېسابلاش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتىكەن.
ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقى مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسگە ئاۋاز بەرگەن ئىككى كۈندىن بۇيان، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، قىسمەن رايونلاردا كىچىك تىپتىكى توقۇنۇش يۈز بېرىپ توققۇز كىشى قازا قىلغان، نەچچە ئون كىشى يارىلانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر