باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىن نارازى بولدى(2)

2014.01.16 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يائالوننىڭ كېررىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبى بار. 1-، ئىسرائىلىيە ئامېرىكا ئوتتۇرغا قويغان ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتى لايىھەسىدىن نارازى بولدى. كېررى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولغاندا، بىر رامكا كېلىشىمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىن 1967-يىلىدىكى چېگرىنى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي قىلىش، شەرقى ئېروسالىمنى كەلگۈسى پەلەستىننىڭ پايتەختى قىلىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى ۋە جىلغا رايونىدىن چېكىنىش، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقى چېگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك پىلانى بويىچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيە مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئېتىبار بەرمىدى، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگە داۋاملىق پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. 2-، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى چوڭ. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ بىلەن ئىران باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئىسرائىلىيە مۇنداق دەپ قارىدى: كېلىشىمدە ئىرانغا بىر قەدەر چوڭ بوشلۇق بېرىلدى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېتەرلىك ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنمىدى، شۇڭا ئىسرائىلىيە بۇ كېلىشىم بىلەن ئامېرىكىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى.

  ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان « زېمىن گېزىتى»دە 15-يانۋار ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: يائالوننىڭ كېررىينى ئەيىبلىشى بەلكى ئىسرائىلىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. كېررىي ئوتتۇرا شەرقتە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا پائال ياراشتۇرۇش ئېلىپ بارماقتا، بۇ ئوبامانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ كېررىيغا ھۇجۇم قىلىشى ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغانلىق. ئوبزوردا مۇنداق دەپ قارالدى: يائالون گەرچە ئەپۇ سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى ھەتتا پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ چارىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  ئىسرائىلىيە بارىلان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى مەيكېر لاسكېر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى بۇ ۋەقە ئىسرائىلىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان سالالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن مەنپەئەتى بار، نېفىت، رايون مۇقىملىقى ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلۈدىغان قىزىق نۇقتا. ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا پارلامېنت ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا دۇچ كەلمەكتە، ئوباما بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى ئامېرىكىدىكى يەھۇدىي مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە مۇھتاج، بۇ مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ئامېرىكىدا غايەت زور تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ قۇرۇق مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا مېنىڭچە ئىسرائىلىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر