- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما تەدبىر قوللىنىپ سىياسەت يۈرگۈزۈش مۇھىم نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى
2014.01.15 16:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا پرېزىدىنتى ئوباما تۈنۈگۈن كابىنېت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2014-يىلى پارلامېنت يەنە قوللىمىسا، مەن «قەلەم بىلەن تېلېفوننى قوشۇش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن پارلامېنتتىن ھالقىپ پارلامېنت سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىم نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.
ئوباما مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەمۇرىي تارماقلار قانۇن چىقىرىش تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن تۈزۈملەرنى چىقىرىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئامېرىكا خەلقىگە ياردەم بېرىشنى كۈتۈپ ئولتۇرسا بولمايدۇ. ئوباما: مەن بۇ يىلقى دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا بېرىدىغان دوكىلاتىمدا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن،«پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىمىز» دېگەن سىگنالنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن. ئىقتىساد قاتلىمىدىن قارىغاندا، مەن 2014-يىلقى ئاساسىي مۇقامدا خەتەرنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بارلىق كىشىنى كەلگۈسىدىن يەنىمۇ ئۈمىدۋار قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر