- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا «ئاققۇ» ناملىق مال توشۇش ئۇچار كېمىسى بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتى تۇتاشتۇرۇلدى
2014.01.14 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقىنىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوربېتا پەنلىرى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان «ئاققۇ» ناملىق ئۇچار كېمە 12-يانۋار خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ باردى. ئۇچار كېمە يەر شارىدىن 400 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالەم پونكىتىغا ئاستا-ئاستا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ياپونىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى روتيەن گۇاڭيى ۋە باشقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرلىكتە مەشغۇلات قىلىپ، ئۇچار كېمە بىلەن بوشلۇق پونكىتىنىڭ تۇتىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر