- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەنتەربىيە ساھەسىدە خوشاللىنارلىق ئىشلاردىن سىرت پاجىئەلىك ۋەقەلەرمۇ ئۈزۈلمىدى
2013.12.30 15:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2013-يىلى ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى، خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۈزۈلمىدى، پۇتبول ساھەسىدە بەيرىميۇنخېن كوماندىسى 5 ئالتۇن لوڭقىغا ئېرىشتى، سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى بوشلۇقتا يەتكۈزۈلدى، بوستون مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، سۈنئىي پۇتلۇق يۈگۈرۈش ماھىرى ئۆزىنىڭ قىز دوستىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋىتىشتەك پائىجەلىك ۋەقەمۇ يۈز بەردى.
2013-يىلىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ئەمما ئولىمپىكقا ئالاقىدار زور ۋەقەلەر يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 10-سنتەبىردىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 125-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، كىشىلەر زامانىۋى مۇزىكا ئاتىسى دەپ نام ئالغان باختىن كېيىنكى يەنە بىر باخ ئىسىملىك گېرمانىيەلىك كىشىنى تونۇدى، بۇ ئولىمپىكنىڭ قىلىچۋازلىق تۈرىنىڭ سابىق چىمپىيونى روگنىڭ ئورنىغا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك رەئىسى بولدى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەنھەرىكەت ئورگىنى 12 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارىنى ئالماشتۇردى.
يەنە شۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 125-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، توكيو ئىستانبۇل ۋە مادرېدنى غەلبە قىلىپ 2020-يىلدىكى يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆكتۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. توكيا بىلەن تەڭ خوشاللىقا تەڭ چۆمگىنى دۇنيادىكى چېلىشىش ماھىرلىرى بولدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن چېلىشىش تۈرى 2020-يىلى ۋە 2024-يىلدىكى يازلىق ئولىمپىكنىڭ ۋاقىتلىق چوڭ تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى. باخ ۋەزىپە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئولىمىپك مۇسابىقىسى 2014-يىلى رۇسىيەدە ئۆكتۈزۈلىدىغان سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولىدۇ. بۇ يىل 9-نويابىر، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى رۇسىيەنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى بوشلۇققا ئېلىپ چىقىپ، ئېغىرلىقنى يوقاتقان ھالەتتە بوشلۇقنى كەزدى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈلدى. جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتتىق ئىشەنچ بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار مەشئەلنى بوشلۇققا ئېلىپ چىقىپلا قالماستىن يەنە مەشئەلنى تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپقا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر تاتلىق سۇ كۆلى بولغان بايقال كۆلىنىڭ تېگىگە يەتكۈزدى. رۇسىيەگە ئوخشاش چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتتىن بىرازىلىيەمۇ بار. بىرازىلىيە 2014-يىلدىكى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆكتۈزۈدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىسى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆكتۈزدى. مۇسابىقە جەريانىدا ئاممىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋەقەلىرى يۈزگەن بولسىمۇ، پۇتبۇل مەيدانى قۇرۇلۇشى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ سەتچىلىكى ئۈزۈلمەي ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن بىرازىلىيەنىڭ پۇتبول مەستانىلىرى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى كېلىش ئالدىدا ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بىرازىلىيە بىرلەشمە لوڭقىسىدا دۇنيادىكى پۇتبول كوماندىسى كۈچلۈك دۆلەت، 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى، 2010-يىللق دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ئىسپانىيە كومانسىدىنى 0-3 مەغلۇب قىلىپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى. پۇتبول ساھەسىدە بىز يەنە بۇ يىل 5 لوڭقىغا ئېرىشكەن گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كوماندىسى بەيرىنميۇنخېننى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. تىرىنېر شىسفېرد ۋە گودىئولانىڭ باشلامچىلىقىدا بەيرىنميۇخېن كوماندىسى 2013-يىلدا مول ھوسۇل ئېلىپ، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسىن كېيىنكى يەنە بىر ئالەم كوماندىسىغا ئايلاندى. گېرمانىيەنىڭ پەخرى پەقەت بەيرىميۇنخېن كوماندىسىلا ئەمەس، بىرىنچى دەرىجىلىك فورمىلا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىدىكى قىزىل بۇقا كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋېتىل ئۇدا 4 يىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ ئاپتوموبىل پادىشاھى شۇماكېرنىڭ رېكورتىغا يېقىنلاشى. 2013-يىلى، نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلاشتى. خادىغا تايىنىپ ئىگىزگە سەكرەش تۈرىنىڭ ئايال پادىشاھى دەپ نام ئالغان رۇسىيەنىڭ داڭلىق ماھىرى ئىسىنبايېۋا 13-ئاۋغۇست رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىنىك ئاتلىتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. خادىغا تايىنىپ ئىگىزگە سەكرەش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى 28 قېتىم رېكورت بۇزغان ئىسىنبايېۋا ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، بىر دەۋىرنى ئاياغلاشتۇردى.
ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلاشقانلاردىن يەنە مانچېسىتېر كوماندىسىنىڭ سابىق تىرىنېرى فېرگوسون ۋە سابىق ماھىرى بېكھاممۇ بار. 19-ماي، مانچېستېر كوماندىسىغا 26 يىل تىرىنېر بولغان فېرگۇسون پىنسىيەگە چىقتى. ئۇنىڭ شاگىرتى بېكھاممۇ پارىژ كومانسىدا سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئىككەيلەن مانچېستېر كوماندىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە شاھىت بولدى ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇتبول مەيدانىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.
ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم ئالقىش سادا ئىچىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلىشىشى ناتايىن. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سۈنئىي پۇتلۇق يۈگۈرۈش ماھىرى پىستوس 14-فېۋرال قىز دوستىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىلىپ قالدى، ئىلگىرىكى يىنىك ئاتلىتكا مەيدانىدىكى كىشىگە ئىلھام بولىدىغان بۇ ماھىر ھازىر مۇسابىقە مەيدانىدىن ئايرىلدى.
بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن 3 ئادەم قازا قىلغان، 200 نەچچە ئادەم يارىلانغان بوستوندىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى دۇنيانى چۆچۈتتى. 15-ئاپرېل، بوستوندىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى نۇقتىسىغا يېقىن جايدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. تېررورچىلار بومبا ھۇجۇمى بىلەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
بۇندىن باشقا 7-ئايدىكى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرلىرى گاييى ۋە پوۋېلنىڭ كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقىپ، خەلقئارا يىنىك ئاتلىتكا ساھەسىنى چۆچۈتتى. 15-نويابىر ئاياغلاشقان دۇنيا روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق «روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا قارشى تۇرۇش» نىزامى ماقۇللىنىپ، دۇنيا تەنھەرىكەت ساھەسىنىڭ روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا زەربە بېرىش ئىدارىسى نامايەن قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر