- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى دائىرلەرنىڭ تېررورچى دېگەن سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈردى
2013.12.26 16:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: مسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ۋاقتى 25-دېكابىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىغان. بۇنىڭغا قارىتا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر رەھبىرى جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەن.
مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مورسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇنسىز تەشكىلات ئىكەنلىكى جاكارلاندى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نەچچە مىڭ قوللىغۇچىسى ساقچى ۋە ھەربىيلەر قوزغىغان ھەرىكەتتە قولغا ئېلىندى، بۇ ۋاقىتتا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپ قېتىم ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئۆتكۈزدى. مىسىر دائىرىلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى مسىر ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ بىر قاتار ھۇجۇم قىلىشغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ ئەيىبلىدى، بىراق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر