باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى تىنچلاندۇرۇۋاتىدۇ

2013.12.26 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى 4 – دېكابىر ئىسرائىلىيەگە يېتىپ باردى. بۇ ئۇنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدە باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەگە قىلغان تۇنجى سەپىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماھىيەتتە، ئىران يادرو مەسىلىسىدە باسقۇچلۇق كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدىن قاتتىق نارازى بولغان ئىسرائىلىيەنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم.

  ئىگىلىنىشىچە، كېررى كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ ۋە پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن رامئاللا شەھىرىدە كۆرۈشىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ باسقۇچلۇق كېلىشىمى بىلەن پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

  ئىسرائىلىيە ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارىشىنى بايان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېررى ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلدى. ئالدىنقى ئايدا ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېبېرمان ئىسرائىلىيە ئامېرىكىدىن باشقا شېرىك ئىزدىشى كېرەك، دېگەنىدى.

  ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئېرىشىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى كېلىشىمنى ئەيىبلەشنى توختاتمىدى ھەمدە بۇ بىر تارىخىي خاتالىق، دېدى. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەگە بۇ كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كېررى بىلەن نېتانياخۇ ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ يېڭى سۆھبەت مەزمۇنىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە بۇ باسقۇچلۇق كېلىشىمگە قارشى تۇرغىنى بىلەن، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى قوللايدۇ. كېررى بىلەن نېتانياخۇ يەنە ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ئاخىرقى كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  كېررى پەلەستىن – ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاقتى كەلدى، دەپ قارىغان چېغىمدا، بۇ رايوننى (ئوتتۇرا شەرق) زىيارەت قىلىمەن، مانا بۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ يەنە بىر مەقسىتىدۇر.

  بۇ كېررىنىڭ فېۋرالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى 8 – قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق سەپىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىم ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغاندا، كېررى بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا مارافونچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

  ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە يىل ئاخىرىدا يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بولغان. لېكىن، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سۆھبەت يەنە قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. كېررى ئالدىنقى ئايدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ يەھۇدىي مەھەللىسى قۇرۇش تىنچلىق سۆھبىتىگە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن، دېگەنىدى. پەلەستىن تەرەپمۇ ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دېگەن.

  ئىسرائىلىيە مېدىيالىرى مۇنداق دېدى: كېررىنىڭ بۇ سەپىرى ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساس قىلغان، بۇ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر