باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆتكەن ئۈچ كۈندە 400دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق جەنۇبىي سۇداندىن ئۇگانداغا چېكىندى

2013.12.24 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئۇگاندادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئۈچ كۈندە 400دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق جەنۇبىي سۇداندىن ئۇگاندا چېگرىسىغا چېكىنگەن، تۈنۈگۈن يەنە بىر قىسىم جۇڭگولۇقلار جەنۇبىي سۇداندىن ئۇگانداغا كىرگەن.

  جۇڭگونىڭ ئۇگاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنى جەنۇبىي سۇداندىن چېكىندۈرۈش خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمنى ئورنىتىپ، 24 سائەت دىجورنىلىق تېلېفونىنى ئېچىپ، جۇڭگولۇقلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.

  15-دېكابىر كېچىدىن 16-دېكابىرغىچە، جەنۇبىي سۇدان ئارمىيىسىدىكى جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى كېل ۋە سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ماشېلنى ھىمايەت قىلىدىغان ئەسكەرلەر ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى، شۇندىن كېيىن جەنۇبىي سۇداننىڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر