- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى زاتلار: ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاجىزلىماقتا
2013.12.24 16:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2013-يىلى يۈز بەرگەن بىر قانچە خەلقئارا ۋەقەلەرگە قارىتا، ئامېرىكىدىكى قىسمەن زاتلار: ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تېگىشلىك ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلالمىدى دەپ قاراپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلدى.
رۇسىيە خەلقئارا سەھنىدە ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى، گەرچە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى سىنودىننى دۇنيا بويىچە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن سىنودىنغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىشنى تەستىقلىدى.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئوباما سۈرىيەگە قورال ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلغاندا، پۇتىن ئاخىرقى پەيتتە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، چوقۇم مەغلۇب بولىدىغان پارلامېنتقا قورال ئىشلىتىشقا ھوقۇق بېرىش ئىشىدا ئوبامانىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىدىكى غالىبىيەتچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر