- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىنگاپور چەتئەللىك ئىشچىلار مالىمانچىلىقىنى تەكشۈرىدىغان كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى
2013.12.16 16:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سىنگاپور ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-دېكابىر يېقىندا يۈز بەرگەن چەتئەللىك ئىشچىلار مالىمانچىلىقىنى تەكشۈرىدىغان كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېزدىن باشلايدۇ.
سىنگاپورنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋات شەھەر رايونىدىكى ھىندىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىچىك ھىندىستاندا 8-دېكابىر كەچتە ئېغىر ئاپتوموبىل ۋەقەسى يۈز بەردى، قازا قىلغۇچى 33 ياشلىق ھىندىستانلىق ئىشچى ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن مالىمانچىلىق كېلىپ چىقىپ، بۇ ئەتراپتا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەخمىنەن 400 چەتئەللىك ئىشچى نەق مەيدانغا كەلگەن ساقچى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. ۋەقەدە 22 ساقچى ۋە بەش ياردەمچى ساقچى يارىلاندى. ھازىر ئۇلار بالنىستتىن چىقتى. ۋەقەدە 16 ساقچى ماشىنىسى كۆيدۈرۋېتىلدى، ساقچىلار شۇندىن كېيىن تېزدىن تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ھازىر نەچچە ئون گۇماندار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر