- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيەنىڭ رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستىراتىگىيىسى ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىلگىرلىمەكتە(1)
2013.12.13 16:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى، ئەينى چاغدىكى رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى پۇتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رايونىدا ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى بەرپا قىلىپ، ئۇنى دۇنيادىكى نۇرغۇن قۇتۇپلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى قىلىش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىدى. پۇتىن كېرمېل سارىيىغا قايتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئارزۇسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، 2015-يىلدىن بۇرۇن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىيە ئالدىنقى سېپىنىڭ ۋەزىپىسى جىددىي، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىققە كېڭەيمەكتە، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھتىدكە دۇچ كەلمەكتە. رۇسىيە غەربنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك بوشلۇقى ئالدىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى دېپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆلىنىشى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تايىنىش ھەمدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئېلىشماقچى بولدى.
2010-يىلى ئىيۇلدا، رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنى رەسمىي يولغا قويدى؛ 2012-يىلىنىڭ دەسلىپىدە رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان بىرلىككە كەلگەن ئىقتىساد بوشلۇقىنى رەسمىي باشلىدى.
ھازىر، بىر تەرەپتىن، رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان ئاساس قىلىنغان دۆلەتلەر رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائېنا، گرۇزىيە، مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئاسىيا قاينىمىغا كىرىپ قېلىشنى خالىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتماقتا.
نويابىرنىڭ ئاخىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقتىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەللەر باشلىقلار يىغىنىدا، گرۇزىيە بىلەن مولداۋا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلەر كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خاھىشى بويىچە تالىدى، بۇ كىشىلەرنى كېيىنكى سوۋىت ئىتتىپاقى بوشلۇقىنىڭ ھەقىقىي مەنادىكى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاشۇرالماسلىقى ھەققىدە ئويلاندۇردى.
گرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقىغا گۇمانى بار، ئۇلار ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى پەقەت رۇسىيەنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان گۇرۇھ، ھازىر تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، ئىستىقبالىمۇ ئېنىق ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قارىشىچە، يۇكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈۋاتقان رۇسىيە بىردىن بىر ئىستىراتىگىيىلىك شېرىك ئەمەس ئىكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرغا قويغان شەرت ئۇلارنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر