- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئابخىسىت قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن رەسمىي ئەيىبلەندى
2013.12.13 14:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 12 – دېكابىر تېلېگراممىسى. تايلاند جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 12 – دېكابىر تايلاندتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، سابىق زۇڭلى ئابخىسىتنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن رەسمىي ئەيىبلەپ، ئۇنى 2010 – يىلىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش مەزگىلىدە ھەربىي دائىرىلەرگە ئاممىۋى نامايىشنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تالاپەت پەيدا قىلىشقا چېتىشلىق، دېدى.
ئابخىسىت 12 – دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سوتقا چىقىپ تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىنى ئاڭلىدى ھەم ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلدى. سوت بۇ دېلوغا كېلەر يىلى 3 – ئايدا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىشنى قارار قىلدى.
تايلاند ئالىي باش تەپتىش ئىشخانىسى بۇ يىل 10 – ئايدا ئابخىسىت ۋە سابىق مۇئاۋىن زۇڭلى سۇتخېپنى ئەيىبلەشنى قارار قىلغان، چۈنكى 2010 – يىلى 19 – ماي ئابخىسىت ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ باڭكوكتا نامايىش قىلغان ‹‹قىزىل مايكىلىقلار قوشۇنى››نى ‹‹تازىلاش››نى قارار قىلغان. ‹‹تازىلاش›› ھەرىكىتىدە تەخمىنەن 90 كىشى قازا قىلىپ، 1900چە كىشى يارىلانغان. تەپتىش دائىرىلىرى مۇنداق قارىدى: ئابخىسىت شۇ چاغدا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئەجەللىك قوراللارنى ئىشلىتىشىنى تەستىقلاپ، كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان. سۇتخېپ شۇ چاغدا ئابخىسىت ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل 1 – مۇئاۋىن زۇڭلى ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر