- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئارگىنتىنادا تالان-تاراج قىلىش ۋە بۇلاڭچىلىق ئەۋج ئالدى
2013.12.12 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان، ئارگېنتىنانىڭ 17 ئۆلكىسىدە دۇكان، تاللا بازارلىرىنى تالان-تاراج قىلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، 10-دېكابىر كەچكە قەدەر، ۋەقەدە ئاز بولغاندىمۇ يەتتە ئادەم ئۆلگەن. ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارغا ژاندارما قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن.
ئارگىنتىنا «بۇئىنىس-ئايرېس باشلامچى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى كىرىستىنا شۇ جاي ۋاقتى 10-دېكابىر بۇ قېتىم كۆتۈرۈلگەن تالان-تاراج قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ئارگېنتىنالىقلارغا ھاقارەت ئېلىپ كەلدى دېگەن، ھەمدە ئاشۇ زوراۋان ھەم ۋەھىمە پەيدا قىلىش قەستىدە بولىۋاتقان كىشىلەرگە دېموكراتىيە ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئارگېنتىنا ئامېرىكا قىتئەسى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، ئارگېنتىنانىڭ رۇسالىئو ۋە كورداۋا شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن توپىلاڭچىلارنىڭ تاللا بازارلىرى ۋە ماگىزىنلارنى تالان-تاراج قىلىشىدەك قەبىھ ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلۈم-يىتىم پەيدا قىلغان. كورداۋا شەھىرىدىكى قالايمىقانچىلىق، مەزكۇر رايوندىكى ساقچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قىسمەن قاراقچىلار« ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ يوق بولۇشى»دىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان. قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كورداۋا شەھرىدىكى ئاممىۋى قاتناش توختىغان، كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر، ماگىزىنلار تاقالغان. شۇ يەرلىك ئەمەلدارلار مەركىزى ھۆكۈمەتتىن جىددىي ھالدا 2000 ژاندارما يۆتكەپ كېلىپ ئامانلىق ساقلاشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
كورداۋادىكى قالايمىقانچىلىق ناھايىتى تېزلا ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن. 10-دېكابىرغا قەدەر، ئارگېنتىنادىكى 17 ئۆلكىدە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن، كۆپ قىسىم تاللا بازارلىرى زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىجارەت توختاتقان. نۆۋەتتە ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ژاندارمىلارنى ھەرقايسى جايلارغا ئەۋەتكەن.
مەلۇماتلاغا قارىغاندا، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر شۇغۇللىنىۋاتقان تاللا بازىرى پارچە سېتىش كەسپى ئارگېنتىنا بازارلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ۋە تالان-تاراج قىلىش ۋەقەلىرى شۇ جايدىكى قىسمەن جۇڭگولۇقلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بىر تاللا بازىرىنىڭ جۇڭگولۇق خوجايىنى بۇلاڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە قازا قىلغان.
ئارگىنتىنادىكى زوراۋانلار تېخى FACEBOOK ئىجتىمائىي تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «20-نويابىر تاللا بازارلىرىنى تالان-تاراج قىلىش» قا چاقىرغان .
جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يېقىندا «جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ بىخەتەرلىك موداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى» تارقاتقان بولۇپ، كەڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنى بىخەتەرلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش تونۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈپ، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، خەتەردىن يىراق تۇرۇپ، بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئارگېنتىنانىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ تىرىشىپ جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مال مۈلۈكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىل ئاخىرى ئارگېنتىنا ئامانلىق ساقلاش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇلاڭچىلىق، تالان-تاراج قىلىش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارگېنتىنا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى ۋە پۇل پاخاللىشىشنىڭ كۈچىيىشىنى تەسىرىدە، بىر قىسىم ئامما نارازى بولۇپ، يېڭى يىل، بايرام مەزگىللىرىدە، تېخىمۇ كۆپ بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر