باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئەرزان سېتىشى مۇنازىرە قوزغىدى(2)

2013.12.11 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە ئېنىق قىلىپ، «سېتىلمايدىغان بۇيۇم » دەپ يېزىلغان. ئالايلۇق، ئاۋسترىيەدە شۇنداق. پەقەت ئاۋسترىيىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارلا بۇ دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. 2012-يىلى چەتئەللىكلەردىن بۇ ماددىغا ئاساسەن ئاۋسترىيەنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەنلەر چىقمىدى.

  ئەلۋەتتە ، بارلىق مەبلەغ سېلىش قىلمىشىنىڭ خېيىم خەتىرى بار، پۇلغا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىش ئوخشاشلا خەتەرلىك. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان بىر سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتتە ئىشسىز قالغانلار 26مىليون 400مىڭ بولغان، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت گرېتسىيە ۋە ئىسپانىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تەخمىنەن 25 پىرسەنت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 58.7 پىرسەنت ۋە 56.1 پىرسەنت بولغان.

  مالتانىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىۋېلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك خېيىم خەتىرى بار: بىرىنچى، قانۇندا ئۆزگىرىش بولامدۇ-يۇق؟ مالتادىكى ئۆكتىچى پارتىيە خەلق پارتىيىسى ئۇزۇن مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ قالسا، بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتەرمۇ؟ ئىككىنچى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بۇنىڭغا چەك قويامدۇ-يۇق؟، بۇندىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات دۆلەت قارا تاغمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىلان تۈزگەن، لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەھدىت سېلىپ: ناۋادا قارا تاغ مۇشۇنداق قىلسا، كەلگۈسىدە ئىتتىپاققا كىرگەن تەقدىردىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ دېگەن. ئۈچىنچى، دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن باشقا چەكلىمە بولامدۇ-يوق؟ مەسىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت سپىرۇسمۇ «ئۆي سېتىۋېلىش بەدىلىگە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىش» پىلانىنى ئوتتۇرغا چىقارغان. لېكىن سىپرۇستا ئۆي سېتىۋېلىپ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، سىز پەقەت سپرۇستىلا تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز، لېكىن سىپرۇستا خىزمەت قىلالمايسىز. مالتانىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى سېتىش پىلانىدا مۇشۇنداق خېيىم خەتەر بارمۇ-يوق بۇنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر