- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل دېدى
2013.12.11 14:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرازىلىيە دۆلەتلىك بوشلۇق تەتقىقاتخانىسى 9-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بايلىق 1-نومۇر 03 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسى كامىل.
باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: 25 يىلدىن بۇيان، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ بوشلۇق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىگە ئېرىشتى. بايلىق 1-نومۇر 03 سۈنئىي ھەمراھى-بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بايلىق 1-نومۇر يۈرۈشلۈك سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ تۆتىنچىسى، بۇندىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەرىكىتى ياخشى بولماقتا. بىرازىلىيە شۇنىڭ بىلەن بىللە بايلىق 1-نومۇر 04 سۈنئىي ھەمراھىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ توشۇغۇچى راكېتاسى 9-دېكابىر جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ھەمكارلىشىپ ياسىغان بايلىق 1-نومۇر 03 سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەندە، راكېتادىن ئۇچۇش جەريانىدا چاتاق چىققان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر