- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىر نەچچە دۆلەت رەھبىرىنىڭ ماندىلانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتقان قىلمىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
2013.12.11 13:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 10-دېكابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئوباما ، كامىرون ۋە دانىيە زۇڭلىسى Schmidt نىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئۆزلىرىنى رەسىمگە تارتىپ ئوينىغانلىقىدەك قىلمىشى تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .
بۇ رەسىمنى چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئوغرىلىقچە تارتىۋالغان بولۇپ ، Schmidt ، ئوباما ، كامىرون ئۇچى كۈلۈشۈپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشكەن . ئوبامانىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى مىچىل قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇرغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئارىلاشمىغان .
بۇ رەسىم ناھايىتى تېزلا خەلقئارا تورلاردا مۇنازىرە قوزغىغان ، نۇرغۇن كىشىلەر موشۇنداق سورۇندا بۇنداق قىلمىشنىڭ مۇۋاپىق بولغان–بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر