- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇرىيىدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يوقىتىش خېلى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ
2013.12.10 09:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا «تاشقى ئىشلار سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ئەسلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن سۇرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يۆتكەش ۋە يوقىتىش خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىغان، لېكىن نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردار خادىم مەزكۇر پىلاننى ۋاقتىدا تاماملاش «ئىمكانىيىتى ئانچە چوڭ» ئەمەس، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پىلان بويىچە بولغاندا، سۇرىيەدىكى ئەڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى قورال ئالدى بىلەن سۇرىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن چېگرا ئىچىدىكى لاتاقىيە پورتىغا توشۇلۇپ، نورۋېگىيە ۋە دانىيە ئارقىلىق سۇرىيە چېگرىسىدىن يۈك پاراخوتى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا يۆتكەپ چىقىلىپ، يوقىتىلىدۇ. لېكىن نۆۋەتتە، ئامېرىكا تەرەپ بۇ قوراللارنى ۋاقىتلىق ساقلاپ تۇرۇشنى خالايدىغان دۆلەت تېپىشقا موھتاج، چۈنكى بۇ خىمىيىۋى قوراللار لاتاقىيە پورتىدىن باشقا مەلۇم بىر پورتقا يۆتكىلىشى، ئاندىن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا قاچىلىنىشى، بۇ جەرياندا ئامېرىكا تەرەپ خادىملىرىنىڭ سۇرىيە زېمىنىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ھالبۇكى، ھازىر تېخى ھېچقانداق دۆلەت بۇ خىمىيىۋى قوراللارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى. ئامېرىكا تەرەپ ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە ماراكەش قاتارلىقلار بىلەن كېلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كۆپلىگەن شەھەرلەرنىڭ خىمىيىۋى قورالنى سۇرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى لاتاقىيە پورتىغا يۆتكەشتىمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللار بىرلەشمە ۋەزىپىسىگە مەسئۇل كاگى مۇنداق دېگەن، يېقىنقى مەزگىلدىكى دەمەشق بىلەن ھىمىس ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدىكى توقۇنۇشنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى سەۋەبىدىن، مەنمۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيرۇتتىن ئايلىنىپ ئاندىن لاتاقىيەگە بېرىشقا مەجبۇرىي بولۇپ قالدىم. ئەمما بۇ تاش يول لاتاقىيىگە بارىدىغان ئاساسلىق تۈگۈن. ئەگەر بۇ يول توسۇلۇپ قالسا، مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىمىيىۋى قورالنى توشۇش، يوقىتىش ۋە قالدۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېتىدىغان راسخوت زور بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پىلان يەنە مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن. گەرچە نۆۋەتتە 35 شىركەت بۇ تۈرگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ئۆزلىرىدە يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغانلىقتىن بۇ شىركەتلەرنى ياردەمگە چاقىرغان دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىمىيىۋى قوراللارنى دېڭىزدا كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ تېخنىكا سەپلىمىسىنىڭ بىر قانچە ئاي ئىچىدە نورمال ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ياكى قىلالماسلىقى ئېنىق بولماسلىق دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، گەرچە يۇقىرىقىدەك قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، كاگى يەنىلا ئاكتىپلىق بىلەن كېلىشىش ئېلىپ بارىدۇ، دېيىلگەن. خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىمۇ: «كېلەر يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يوقىتىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر