باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا توختاپ قالغان دوھا سۆھبىتى ئۈچۈن تارىخي پۇرسەت يارىتىلامدۇ؟

2013.12.05 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا رەسمىي ئېچىلدى، 159 ئەزا دۆلەتتىن كەلگەن سودا ئەمەلدارلىرى 4 كۈن ئېچىلىدىغان يىغىندا سودىنى ئاسانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، دوھا سۆھبىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم كۈچىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمىقى يىغىندا توختاپ قالغان دوھا سۆھبىتى ئۈچۈن تارىخي پۇرسەت يارىتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۈچ چوڭ يادرولۇق قارالمىسىدا، سودىنى ئاسانلاشتۇرش ھازىرقى ئەشيالارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزگەندىكى ئاۋارىچىلىق رەسمىيەتلەرنى قىسقارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك سۆھبىتى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى تەسىتىقلاش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكىسپورت رىقابىتى قاتارلىق دوھا سۆھبىتىدە ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ تەرەققىيات مەسىلىسى 49 ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتكە قارىتا ئۇلارنىڭ سودىسىنى قوللاش تەدبىرىنى چىقىرىش مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ ئۈچ چوڭ قارالما دوھا سۆھبىتىنىڭ قارالمىلىرىدىن بارلىققا كەلگەن. ۋەكىللەر دوھا سۆھبىتىدە ئۇزاقتىن بۇيان نەتىجىلەر بولمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئاجىزلىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئاسان قوبۇل قىلىدىغان دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھوسۇلنى شەكىللەندۈرىدۇ. خەلقئارالىق سودا جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر بىر قاتار كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنسا دۇنيا ئىقتىسادىنى 960 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشۇرۇپ، 21 مىليون ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن، ھەمدە بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىدىكى ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىكەن.

  ئازېۋىدو 9-ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش خادىمى بولغاندىن كېيىن دوھا سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى ۋەزىپىسى قىلىپ، دىپلوماتىيە جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، سانپىتىربۇرگ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، بالى ئارىلى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، ۋاشىنگتون خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى يىللىق يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ ھەممىسىگە كۈچ چىقاردى. 2 ئايدىن بۇيان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 159 ئەزاسىنىڭ ۋەكىللىرى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھوسۇل توغرىسىدا توختىماي سۆھبەتلەشتى.

  ئەمما سۆھبەت ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەسلىدىكى پىلانىدا يىغىندىن بۇرۇن ئۈچ چوڭ قارالما توغرىسدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىقى نۇسخۇسىنى شەكىللەندۈرمەكچى ئىدى، لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەر ئىختىلاپلارنى تۈگىتەلمىگەچكە، كىشىلەر ئىنتىزار بولغان دۇنيادىكى تۇنجى سودا كېلىشىمى بېكىتىلمىدى.

  يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن تەھلىلچىلەر: يېزا ئىگىلىك مەسىلىسى جەنۋە سۆھبىتىنىڭ قاتماللىققا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ھەم بالى سۆھبىتىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىس، دەپ كۆرسەتتى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە بۇ مەسىلىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتىسغا ئايلانغان.

  33 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تەكلىپىنى ھىندىستان قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەكلىپ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا قىسمەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قارشى تۇرغان، ئۇلار بۇ ھەرىكەتنىڭ دۇنيا يېزا ئىگىلىك بازىرىنى قالايمىقان قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. قايتا-قايتا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، سۆھبەت ۋەكىللىرى 4 يىللىق تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى چەكتىن ئېشىپ كەتمىسمۇ ئەرز قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

  قاتمالىققا چۈشۈپ قالغان جەنۋە سۆھبىتى بالى ئارىلى يىغىنىغا بېسىم بولدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى «دۇنيا سودا تەشكىلاتى يولۋاس ئېغىزىغا بېرىپ قالدى»، «دۇنيا سودا كېلىشىمىنىڭ ھاياتى بالى ئارىلىنىڭ قولىدا» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى، ئەنسىرەش ۋە گۇمانلىنىش كۈچىيىپ كەتتى.

  ساھىبخان ھىندونېزىيە بولسا يىغىننىڭ نەتىجىسىدىن ئۈمىدۋار بولدى، يىغىن رەئىسى، ھىندونېزىيەنىڭ سودا مىنىستىرى جىتا 2-دېكابىر: ھەر قايسى ئەزالارنىڭ سودىنى ئاسانلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىختىلاپلىرى ھەل قىلىنىۋاتىدۇ، مېنىڭ يىغىندا بىردەكلىك ھاسىل بولىدىغانغا ئىشەنچىم بار، دېدى.

  جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھەمدە تېز قەد كۆتۈرگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىپ، قائىدىلەرگە ئاكتىپ بوي سۇنۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا، بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ ئالاھىدە دىققەتكە ئېرىشتى. جۇڭگو سودا مىنستىرلىقى دۇنيا سودىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چەي شياۋلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو دەسلەپكى ھوسۇل توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنىڭ بالى ئارىلى يىغىنى ۋە كۆكپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆھبەتلىشىش، تىنچلىق، بىردەلىك ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى بىلەن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆيىنىپ، تولۇق سىياسىي خايىشى ۋە جانلىقلىقىنى ئىپادىلەپ، دەسلەپكى ھوسۇلنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى يولنى تېزراق بېسىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر