باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا تەييارلىق كۆرۈش يۈزىسىدىن فرانسىيە زوڭلىسى بۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدۇ

2013.12.05 15:45   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو-فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا تەييارلىق كۆرۈش يۈزىسىدىن فرانسىيە زوڭلىسى بۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ژان مارك ئايرائۇل 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ، زىيارەت ئۆمىكىدە يەنەفىرانسىيەنىڭ بەش مىنىستىرى ۋەنۇرغۇنكارخانىچىلار ۋەكىللىرى بار. بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مەقسىدى كېلەر يىلى جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تەييارلىق قىلىشتۇر.

  فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئايرائۇل جۇڭگو-فىرانسىيە پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىقى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى تېمىسىدىكىمۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە تەيشەندە قۇرۇلۇۋاتقانEPR يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن، 19-نۆۋەتلىك جۇڭگو-فىرانسىيە ئىقتىسادىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلەيدىكەن، شۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.ئۇ يەنە ۋۇخەن ۋە گۇاڭجوۋغا بارىدىكەن.(مۇخبىر جېڭ چىڭتىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز