- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن: رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن مەڭگۈ توقۇنۇشمايدۇ
2013.12.04 09:57 مەنبە: خەلق تورى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن موسكۋادا ئىستودىنتلار بىلەن شىمالى قۇتۇپنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسىگە بولغان ئەھمىيىتى ئۈستىدە مۇنازىرلەشكەندە: رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپ ۋەزىيىتىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بارىنتىز دېڭىز ساھىلىدە قويۇپ بېرىلسە، موسكۋاغا يېتىپ كېلىشكە ئاران 15 مىنۇت كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن مەڭگۈ توقۇنۇشمايدۇ، رۇسىيەنىڭ قىلىدىغىنى شىمالىي قۇتۇپتىن ۋاز كېچىش ئەمەس بەلكى بۇ يەرنى ئېچىش.
يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى، بولۇپمۇ مول نېفىت گاز بايلىقى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە دىققىتىنى تارتماقتا. رۇسىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىزچىل ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
رۇسىيە يېقىندىن بۇيان شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى زورايتتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر