- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئابرويى چۈشۈپ كەتتى
2013.12.02 10:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسى توغرىسىدا مەسىلىھەتلەشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېلىياسون مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئابرويى چۈشۈپ كەتتى، ئارمىيە بىلەن بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى يوق، دۆلەت كونتروللىقنى يوقىتىپ قويۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشى كەلگۈسىدىكى ئوتتۇرا ئافرىقا چوڭ سايلىمىنىڭ قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى دىياڭگەي مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى قوغداش قىسمىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىغا كېلىشىگە ۋاقىت كېتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەرھال ئافرىقا باشلامچىلىق قىلغان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدىغان ئالاھىدە ئۆمەك ۋە فىرانىسىيە ئارمىيەسىگە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك.
سابىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئىتتىپاق سېرىكانىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغىنىغا 8 ئاي بولدى، ئوتتۇرا ئافرىقا 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا 18 ئايلىق ئۆتكۈنچى مەزگىلگە رەسمىي كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن پايتەخت بانجىنى ئۆز ئىگە ئالغان نۇرغۇن جايلار يەنىلا خەتەرلىك ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، زوراۋانلىق توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەي يۈز بېرىۋاتىدۇ. 19-نويابىر ئېلان قىلىنغان بىر ھۆججەتتە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «سېرىكا»نىڭ قەستلەش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغدۇردى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى چورتودىيانىڭ سېرىكا تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى كونترو قىلالايدىغان ئىقتىدارى بولۇپ باقمىغان. بۈگۈنگىچە، دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇشلار 400 مىڭ خەلقنىڭ مۇساپىر بولۇشىغا، 68 مىڭ ئادەمنىڭ كونگو كىنشاسا، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، چەتئەللەردىكى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇساپىرلىرى 220 مىڭغا يەتتى.
نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى پۈتۈن ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئافرىقا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى فابيۇس 26-نويابىر مۇنداق دېدى: فىرانسىيە كېلەركى ھەپتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىر قارارغا بېلەت تاشلاپ، ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئۆكتۈنچى مەزگىلى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىدۇ. فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدا 410 ئەسكىرى بار، پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىمۇ فىرانسىيە ئەسكەرلىرى بار. فىرانىسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى رېدرىئون مۇنداق دېدى: فىرانسىيە مىڭغا يېقىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرىنى ھەربىي ھازىرلىق، تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەخمىنەن 6 ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
19-دېكابىر، 8-ئايدا قۇرۇلغان ئافرىقا باشلامچىلىق قىلغان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش ئۆمىكى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تىنچلىقنى مۇستەھكەملەش ئالاھىدە ئۆمىكىنىڭ ئورنىغا رەسمىي دەسسەيدۇ. ئافرىقىلىقلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئافرىقىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. 12-ئايدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئافرىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىمى ئالدى بىلەن فىرانسىيە ئارمىيەسى بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى قوغدىغۇچى قىسىمنى ئەۋەتسە بۇ ئىش كېلەر يىلى 3-ئايغا قالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر