- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 16 سائەت ئىچىدە نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 3 ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى
2013.11.29 19:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىسىتىرلىقىنىڭتور بېكىتىدە دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى پاتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ جيېنىڭ ئىنتىزام-قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلغانلىقى سەۋەبىدىن تەشكىلىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىندى. تۈنۈگۈن سائەت 17دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو يوۋمىڭنىڭ ئىنتىزام-قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن تەشكىلىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا، سائەت 19دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ گوشىڭنىڭ ئىنتىزام-قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭتور بېكىتىدە 16 سائەت ئىچىدە نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 3 ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.بۇ مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر