- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېن لادىننىڭ ئىراندا ئوننەچچە يىل قامالغان باياناتچى كۈيئوغلى ئامېرىكىدا سوتلىنىدۇ
2013.11.29 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سوتچىسى 26-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ يىل ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن بازا تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەھبىرى بېن لادىننىڭ كۈيئوغۇل باياناتچىسى ئابۇگەيسى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىدا سوتلىنىدۇ. خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى كەيپۇلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان سابىق بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېن لادىننىڭ كۈيئوغلى ئابۇگەيسى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر