- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كىلىمات باشلىقلار يىغىنى كېلىشىمى يېتەرسىز دەپ ئەيىبلەندى
2013.11.25 11:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋارشاۋا كىلىمات يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، 23-نويابىر كەچتە ئاياغلاشتى. غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يىغىن مەزگىلىدە كەسكىن سۆزلەشتى، ئاخىرى دۇربان سۇپىسى سۆھبىتى، كىلىمات مەبلىغى ۋە زىيان تولۇقلىما مېخانىزمى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. خەلقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى غەربنى مەسئۇلىيەتسىز دەپ ئەيىبلىدى، تەھلىلچىلەر يىغىندا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم كۈچسىز بولۇپ قالدى دەپ ھېسابلىدى.
11-نويابىر يەر شارىدىكى 190 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن نەچچە مىڭ سۆھبەت ۋەكىلى پولشاغا يىغىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت 2015-يىلى ماقۇللىنىدىغان ۋە 2020-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇلغىنىشنى ئازايتىش يېڭى كېلىشىمىگە تەييارلىق كۆرۈش. يىغىن 22- نويابىر يېپىلماقچى بولغان، ئەمما ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە تەرەققىيات تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زور تالاش-تارتىشى مەۋجۇت بولغاچقا، يىغىن مەجبۇرىي كېچىكتۈرۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر