- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چەتئەللەرنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئافغانىستاندا 2024-يىلىغىچە تۇرىدۇ (2)
2013.11.25 10:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىلگىرى ئىراق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى رەت قىلغانلىقتىن، ئىراق بىلەن ئامېرىكا ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان، ئامېرىكا ئىراقتىن چېكىنىپ چىققان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەگەر ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىقسا باشقا چەتئەل قوشۇنلىرىمۇ چېكىنىپ چىقىدىكەن.
كارزايى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە مۇنداق دېدى: كېلىشىم ئىمزالانغان ھامان، ئون مىڭدىن 15 مىڭغىچە چەتئەل ئەسكىرى 2024-يىلىغىچە داۋاملىق ئافغانىستاندا قېلىپ قالىدۇ، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسمىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرىدۇ.
چەتئەل قىسمى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىلا ئەمەس، بەلكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمى ياكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېلىشىم لايىھەسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كېلىشىم 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ كېلىشىمنى توختىتىشنى قارار قىلمىسا، كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى 2024-يىلىغىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىدۇ.
كارزايى مۇنداق دېدى: كېلىشىم لايىھەسى ئافغانىستان پارلامېنتىدا تەستىقلانسا، ئافغانىستان كېلەر يىلى 4-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى سايلام مەزگىلىدىكى ھەمكارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ئىمزالايدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: كېلىشىمنى بىز توغرا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بولغان شەكىل بىلەن سايلامدىن كېيىن ئىمزالايمىز، ئامېرىكا بۇ سايلامدا بىز بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.
تالىبان ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كارزايى 2001-يىلى 12-ئايدا ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولدى، كېيىنكى يىلى 6-ئايدا ئافغانىستان بۈيۈك خەلق پارلامېنتىدا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. 2004-يىلى 3-نويابىر كارزايى تۇنجى قېتىم پرېزىدېنتلىققا بىۋاسىتە سايلىنىپ، بەش يىل ۋەزىپە ئۆتىدى، 2009-يىلى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىدى. ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، كارزايى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتىسە بولمايدۇ.
كارزايى بۈيۈك خەلق پارلامېنتى يىغىنىدا پرېزىدېنت بولغان ئون يىلدا ئامېرىكا بىلەن ئۆز-ئارا ئىشەنچتە بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارغا ئىشەنمەيمەن، ئۇلارمۇ ماڭا ئىشەنمەيدۇ. ئۆتكەن ئون يىلدا، مەن ئۇلار بىلەن قارشى ئىش قىلدىم، ئۇلارمۇ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ كەلدى.
ئافغانىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، كارزايى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىمايدۇ. كارزايىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر فايىز بۇ سۆزنى ئىسپاتلىدى.
ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى ئونېسىت 21-نويابىر ئافغانىستاننى بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ «ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىكى كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىنكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلىشىم يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىمزالىنىشى كېرەك، بولمىسا ئامېرىكا ھەمدە ئىتتىپاقداشلارنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىنكى ئافغانىستاندا قېلىپ قېلىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر